ۋىرۇس تىلغا ئېلىنسا، كۆپىنچە كىشىلەر كېسەل، يۇقۇملىنىش، ئاپەت دەپ ئويلايدۇ. مەسىلەن: تارقىلىشچان زۇكام، ئەيدىز، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى.... قاتارلىقلار ئىنسانىيەتكە ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزگەن.
ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارغا پايدىلىق ۋىرۇسلارمۇ بار.
راست، بەزى ۋىرۇسلارنى راك كېسىلىگە قارشى ئىشلەتكىلى بولىدۇ!
ئالىملار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئۆسمە ئېرىتكۈچى ۋىرۇسلارنى ياساۋاتىدۇ. بۇ تەبىئىي ياكى گېن ئىنژېنېرلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن ۋىرۇسلار راك ھۈجەيرىلىرىدە تاللاپ نۇسخىلىنىپ، راك ھۈجەيرىلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ئۆلتۈرەلەيدۇ، نورمال ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلمايدۇ ياكى ئاز تەسىر قىلىدۇ.
(يەنى دۈشمەننى ئۆزگەرتىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى دېگەندەك)
يېقىندا دۆلىتىمىزدىكى جاۋ يوڭشياڭ گۇرۇپپىسى بۇ ساھەدە دىققەتكە سازاۋەر ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئۇلار ئۆزگەرتكەن نىيۇكاسىل ۋىرۇسى (NDV) نازۇك رەت قىلىش مېخانىزمى ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ. بۇ راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسلارنى «ئۆتكۈر ئىممۇنىتېت» دەۋرىگە ئېلىپ كىردى.
راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس (溶瘤病毒) دېگەن نېمە؟ ۋىرۇس راك ھۈجەيرىلىرىنى پارچىلىيالامدۇ؟
راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقۇتۇشنىڭ قىيىنلىقى شۇكى، ئۇلار تېز كۆپىيىپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئالدايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىت سىستېمىسى راك ھۈجەيرلىرىنى «ئۆز ئادەم» دەپ قاراپ ئەركىن كۆپىيىشىگە يول قويىدۇ. راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس بولسا راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى «ئالاھىدە ئەتىرەت» كە ئوخشاش، راك ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىچكى قىسىىمدىن راك ھۈجەيرىلىرىنى پارچىلىۋېتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى قايتا تونۇپ ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ھازىر 8 خىل راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بار.نەزەرىيە جەھەتتىن، راك ئېرىتكۈچى ئىممۇنىتېت داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقى شۇكى، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسنى مەلۇم راك ھۈجەيرىلىرىگە نىشانلىغىلى بولىدۇ، ساغلام ھۈجەيرىلەرگە ئاساسەن زىيان يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيە، رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ۋە خىمىيەلىك داۋالاشقا سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن بەدەنگە بولغان ئەكس تەسىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقىلى بولىدۇ.
شۇڭا، بۇ بىر قىزغىن تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك 227 كىلىنىكىلىق سىناق خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 ى III باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، دوۋساق راكى، باش-بويۇن راكى، جىگەر راكى ۋە تۇخۇمدان راكىغا قارىتىلغان.ھازىرغىچە، پۈتۈن دۇنيادا 4 خىل راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇلى بازارغا سېلىنغان. ئەمما، بۇ ئۇسۇللار يەنىلا «ئاساسلىقى راك ئىچىگە ئۇكۇل قىلىش بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە تارقالغان راكقا قارىتا ئۈنۈمى يوق» ۋە «ۋىرۇسنى بەدەن ئىممۇنىتېتى تازىلىۋېتىدۇ» دېگەندەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ قىيىنچىلىقلار دەل بۇ تەتقىقاتنىڭ ھالقىلىق بۆسۈش نۇقتىسى.جۇڭگودىكى بۆسۈش: ئۆتكۈر رەت قىلىش ئىنكاسى راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى!ھازىر بار بولغان راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قىيىنچىلىقىغا قارىتا، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسنى قانداق تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىتىش كېرەك؟جۇڭگولۇق ئالىم جاۋ يوڭشياڭ گۇرۇپپىسى مۇنداق جاۋاب بەردى: بەدەننىڭ ئۆتكۈر ئىممۇنىتېت ئىنكاسىدىن پايدىلىنىپ، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش!ئالدى بىلەن، ئۇلار نىيۇكاسىل ۋىرۇسىنى (NDV) تاللىدى. بۇ ۋىرۇس نورمال ھۈجەيرىلەرگە يۇققاندىن كېيىن I تىپلىق ئارىلاشقۇچى پروتېئىن يولى تەرىپىدىن تېز تونۇلۇپ كۆپىيىشى چەكلىنىدۇ، شۇڭا نورمال ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. ئەمما راك ھۈجەيرىلىرى بۇ ئىقتىدارنى يوقاتقان بولغاچقا، بۇ ۋىرۇسلار راك ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە كۆپىيەلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، جاۋ يوڭشياڭ گۇرۇپپىسى يەنە بىر ھالقىلىق يېڭىلىق ياراتتى. ئۇلار NDV غا چوشقىدىن كەلگەن α1, 3GT گېنىنى كىرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ، ۋىرۇس راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈزىدە ئالاھىدە ئانتىگېن α-Gal ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ كىچىككىنە ئۆزگەرتىش بەدەننىڭ بىر خىل ئەڭ كۈچلۈك ئىممۇنىتېت رەت قىلىش ئىنكاسىنى قوزغىدى.ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسان بەدىنىدە تەبىئىي ھالدا α-Gal غا قارشى كۆپ مىقداردا ئانتىتېلا بار بولۇپ، «سىرتتىن كەلگەن مولېكۇلا» بايقالغان ھامان، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى دەرھال تولۇق كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. جاۋ يوڭشياڭ گۇرۇپپىسى دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، «ئۆزىنىڭكى» دەپ نىقابلانغان راك ھۈجەيرىلىرىنى بىردىنلا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ «بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانى» غا ئايلاندۇردى.NDV-GT (α1,3GT گېنى بار نىيۇكاسىل ۋىرۇسى) راك ھۈجەيرىلىرىگە يۇققاندىن كېيىن، بۇ «بەلگىلەنگەن» راك ھۈجەيرىلىرى تېزلا ئىممۇنىتېت بورىنى قوزغاپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن بەدەننىڭ راكقا قارشى ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغايدۇ. بۇ دېگەنلىك، دەسلەپكى راكنى يوقىتىلىپلا قالماي، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.مايمۇننىڭ جىگەر راكى مودېلى تەجرىبىسىدە، بۇ راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس 3 ئاي ئىچىدە راكنى پۈتۈنلەي يوقاتتى ھەمدە ئېغىر ئەكس تەسىرى كۆرۈلمىدى.كېيىن، 20 نەپەر ئاخىرقى باسقۇچلۇق راك كېسىلى بېمارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان I باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقتا، %90 كېسەللىك كونترول قىلىندى، بەزى بېمارلارنىڭ راكى ھەتتا كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى ياكى پۈتۈنلەي يوقالدى. مەسىلەن، قورساق پەردىسىگە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان ئاخىرقى باسقۇچلۇق تۇخۇمدان راكى بار بىر بىمار (P2) NDV-GT داۋالىشىدىن كېيىن راكى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، قىسمەن ياخشىلىنىشقا ئېرىشتى ۋە بۇ ياخشىلىنىش 12 ئاي داۋاملاشتى.
بۇ بۆسۈش راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇسنىڭ راك داۋالاشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق كۈچەيتىش» مېخانىزمى ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، راك بېمارلىرىغا ھەقىقىي پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، گەرچە NDV-GT داۋالاش ئۇسۇلى ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، سىناق ئەۋرىشكىسىنىڭ ئاز بولۇشى ۋە سېلىشتۇرما گۇرۇپپىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باھالاش ۋە دەلىللەش كېرەك.راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس راستىنلا بىخەتەرمۇ؟ ئەكس تەسىرى بولامدۇ؟راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس راك ھۈجەيرىلىرىگە نىشانلىق ھۇجۇم قىلالايدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر خىل تىرىك ۋىرۇس، بىخەتەرلىك يەنىلا بىمارلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئۇ ساغلام ھۈجەيرىلەرنى يۇقتۇرامدۇ؟ ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك ئىممۇنىتېت ئىنكاسى قوزغامدۇ؟ ئەكس تەسىرىنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقتى.ئالدى بىلەن، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس ئاساسەن ساغلام ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، ساغلام ھۈجەيرىلەر بولسا ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تازىلىيالايدۇ، شۇڭا راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس ئاساسەن راك ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىلا كۆپىيىدۇ. گۇاڭشى تىببىي داشۆ جاۋ يوڭشياڭ گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇلار تەتقىق قىلغان NDV-GT ۋىرۇسى ئۆتكۈر ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغاپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى نىشانلىق تونۇپ تازىلىشىغا يول ئاچتى، ساغلام ھۈجەيرىلەر بولسا ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمىدى.ئىككىنچىدىن، مەۋجۇت راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇلى ئادەتتە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسى قوزغىمايدۇ. ھازىر تەستىقلانغان راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇلى T-VEC ۋە H101 كۆرسەتكەندەك، يەرلىك ئىممۇنىتېت ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى قوزغىلىشى مۇمكىن، يەڭگىل قىزىتما، ھالسىزلىق، يەرلىك قىزىرىش ۋە ئىششىش كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە 24~48 سائەت ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ. گەرچە نۆۋەتتىكى تەتقىقات ۋە كىلىنىكىلىق سىناقتا ئېغىر ئەكس تەسىرى بايقالمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىلىنىكىلىق سىناق ۋە ئەمەلىي قوللىنىشتا، يەنىلا كەم ئۇچرايدىغان ئەمما ئېغىر ناچار ئىنكاسلارغا، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.ئۈچىنچىدىن، راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس كىشىلەر ئارىسىدا تارقالمايدۇ. راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس لايىھىلەنگەندە تارقىلىش ئىقتىدارى ئېلىۋېتىلگەن، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىشىچە، داۋالاش قوبۇل قىلغان بېمارلار ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرمايدۇ.كىلىنىكىلىق سىناقتا، مېدىتسىنا خادىملىرى ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بېمارلار بىلەن ئالاقە قىلىش سەۋەبىدىن NDV-GT ۋىرۇسى يۇقتۇرۇش ئەھۋالى بايقالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئەمەلىي قوللىنىشتا، يەنىلا مۇناسىۋەتلىك بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە مەشغۇلات جەريانىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ تاسادىپىي تارقىلىپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.ئەكس تەسىر جەھەتتە، گۇاڭشى تىببىي داشۆنىڭ كىلىنىكىلىق سىنىقىدا، 20 نەپەر ئاخىرقى باسقۇچلۇق راك بېمارى NDV-GT ۋىرۇس داۋالىشى قوبۇل قىلغان، %90 كېسەللىك كونترول قىلىنغان، ئېغىر ئەكس تەسىرى كۆرۈلمىگەن.كەلگۈسىدە، ئالىملار ۋىرۇسنىڭ نىشانلىق تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۇنىڭ پەقەت راك ھۈجەيرىلىرىدىلا قوزغىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا شەخسىيلەشتۈرۈلگەن تەڭشەشنى تەتقىق قىلىپ، ئەكس تەسىرىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ. راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇلى بارغانسېرى بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ، بۇ راك بېمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.ئاخىرىدا ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ھازىر يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە تىلغا ئېلىنغان بازارغا سېلىنغان راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇلىدىن باشقا، قالغان راك ئېرىتكۈچى ۋىرۇس داۋالاش ئۇسۇللىرى (NDV-GT داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) يەنىلا سىناق باسقۇچىدا، ئۇنىڭ ئېنىق داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى تېخى قاتتىق دەلىللەنمىگەن، دوختۇر ياكى بىمارلار ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
ئىلگىرى يوللانغان ماۋۇ ماقالىدە ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەنگەن: