首页 > 全部 > خەۋەرلەر > دۆلىتىمىز يادرو باتارىيە تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى
دۆلىتىمىز يادرو باتارىيە تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

دۆلىتىمىز يادرو باتارىيە تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

خەۋەرلەر ھەقسىز 48 كۇرلىش
价格: 免费 原价:¥0.00
收藏
  • 课程介绍
手机端访问

‍国内首款!超长寿命碳-14核电池研制成功

2025-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋۇشى بېيتا (无锡贝塔) تېببىي دورا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال سىفەن داشۆسىنىڭ پەن-تەتقىقات كوللىكتىپى بىلەن بىرلىكتە يادرو ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئېلان قىلدى:جۇڭگودىكى تۇنجى كاربون 14 يادرو باتارېيەسى، دۇنيادىكى تۇنجى سىلىتسىي كاربىد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىق كاربون 14 يادرو باتارېيەسى ياسىلىپ چىقتى. نەزەرىيە جەھەتتىن مىڭ يىلدىن ئارتۇق توك تارقىتالايدۇ.بۇ بۆسۈش دۆلىتىمىزنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ۋە مىكرو يادرو باتارېيەسى ساھەسىدە مۇھىم ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يادرو باتارېيەسىنىڭ ئىنژېنېرلىق ئەۋرشىكە تىپى «جۇلوڭ 1-نومۇر» (烛龙一号) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنى ۋۇشى بېيتا تېببىي دورا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال سىفەن داشۆسىنىڭ پەن-تەتقىقات كوللىكتىپى بىرلىكتە نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ جۇڭگونىڭ مىكرو يادرو باتارېيە ساھەسىدە مۇھىم بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ۋۇشى بېيتا شىركىتىنىڭ ئىزوتوپ بەلگىلەش تەجرىبىخانىسىدا، «جۇلوڭ 1-نومۇر» قاچىلانغان LED چىراغ 4 ئايغا يېقىن توختىماي ئىشلەپ، جەمئىي 35000 قېتىمدىن ئارتۇق ئىمپۇلىس چاقناتقان. تەتقىقاتچىلار يادرو باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلمىسىغا ئۇلىغاندىن كېيىن، كۆك چىشلىق رادىئو چاستوتا ئۆزىكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سىگنال تارقىتىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلدى.

3febeacc26cc6b204fe4789250327864.jpg

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي ماددا تەتقىقات يۇرتىنىڭ سىناق قىلىشىچە، «جۇلوڭ 1-نومۇر» نىڭ كۈچ دەرىجىسى، ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى، مۇقىملىقى قاتارلىق ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %8 تىن ئاشتى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ كۆپ تەرەپتە ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئارتۇقچىلىققا ئىگە، جۈملىدىن ℃100- دىن ℃200+ غىچە بولغان تېمپېراتۇرىغا ماسلىشالايدۇ، 2200mWh/g يۇقىرى ئېنېرگىيە زىچلىقىغا ئىگە، ھەمدە 50 يىللىق ئۆمرىدە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى %5 كە يەتمەيدۇ.«جۇلوڭ 1-نومۇر» مېدىتسىنا ساھەسىدە، مېڭە-كومپىيۇتېر ئۇلاش، يۈرەك قوزغاتقۇچ (سۈنئىي يۈرەك) قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە مەڭگۈلۈك ئېنېرگىيە مەنبەسى تەمىنلىيەلەيدۇ؛نەرسە تورى ساھەسىدە، تىرىليون دەرىجىلىك سېنزور تورىنى قوللىيالايدۇ؛ دېڭىز چوڭقۇر قاتلىمى، جەنۇبىي قۇتۇپ، شىمالىي قۇتۇپ، ئاي، مارس قاتارلىق ناچار مۇھىتلاردا، ئاسراش-رېمونت قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغان داۋاملىق توك تەمىنلەيدىغان باتارېيە سۈپىتىدە ئىشلىتىلەلەيدۇ. چوڭقۇر ئالەمنى تەكشۈرۈش، پىلانېتلار ئارا ئۇچۇشتا ئالەم كېمىسى ئۈسكۈنىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەشتىن تېخىمۇ ئۈمىد بار.ۋۇشى بېيتا تېببىي دورا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، كاربون-14 يادرو باتارېيە قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى سەي دىڭلوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇلوڭ 1-نومۇر» نىڭ قوللىنىش دائىرىسى كەڭ. مەسىلەن، يۈرەك قوزغاتقۇچتىكى نورمال باتارېيەنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى 5-10 يىل بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا ئادەم بەدىنىدىن چىقىرىپ زەرەتلەش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك، «جۇلوڭ 1-نومۇر» نى قوللانغاندىن كېيىن كېسەللەرنىڭ قايتا-قايتا ئوپېراتسىيە قىلىشتىن كېلىپ چىققان يۇقۇملىنىش خەۋپى ۋە ئازابىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كېيىنكى قەدەمدە، ۋۇشى بېيتا شىركىتى يادرو باتارېيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش چىقىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ھەجىمىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، بۇ يىل ئاخىرى ياكى كېلەر يىل باشلىرىدا يېڭىلانغان «جۇلوڭ 2-نومۇر» نى چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چوڭلۇقى تەڭگىدەكلا بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

b1f358b4223d0f53ef88c5b8248a8d47.png

كاربون 14 (14C) ياكى رادىئاكتىپ كاربون، كاربون ئېلېمېنتىنىڭ بىر خىل رادىئاكتىپلىققا ئىگە ئىزوتوپى بولۇپ، 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلى شۆبىسىنىڭ رادىئاكتىپلىق تەجرىبىخانىسىدا (ھازىرقى Lawrence Berkeley دۆلەت تەجرىبىخانىسى) مارتىن كارمېن ۋە سام رۇبىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم بايقالغان.كاربون 14 ئاتومى ئالەم نۇرىنىڭ ھاۋادىكى ئازوت ئاتومىغا سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كاربون 14 نىڭ يادروسى 6 پروتون ۋە 8 نېيتروندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ يېرىم يىمىرلىش دەۋرى تەخمىنەن 40±5730 يىل، يمىرلىش شەكلى β يىمىرىلىش بولۇپ، پارچىلىنىش جەريانىدا كاربون 14 ئاتومى ئازوت 14 ئاتومىغا ئايلىنىدۇ.كاربون 14 نىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 5730 يىل بولغاچقا، ھەمدە كاربون ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئادەتتە ئۆلگەن جانلىقلار تېنىدىكى قالدۇق كاربون 14 تەركىبىگە ئاساسەن ئۇنىڭ يېشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز

推荐资源

客服

扫码添加客服微信

热线

官方客服

如遇问题,请联系客服为您解决

电话客服:18160333243

客服微信:payziwat

工作时间:9:00-18:00,节假日休息

公众号

扫码关注微信公众号