首页 > 全部 > خەۋەرلەر > بىيادى بەش مىنۇت زەرەتلەپ،‫400كىلومتېر ماڭىدىغان تېخنىكا چىقاردى

بىيادى بەش مىنۇت زەرەتلەپ،‫400كىلومتېر ماڭىدىغان تېخنىكا چىقاردى

خەۋەرلەر ھەقسىز 22 كۇرلىش
价格: 免费 原价:¥0.00
收藏
  • 资源介绍
手机端访问


5分钟充电407公里油电同速


تۈنۈگۈن كەچتىكى بىيادى دەرىجىدىن تاشقىرى e سۇپىسى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلىش ۋە خەن L، تاڭ L نى ئالدىن زاكاز قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىيادى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە لىدىرى ۋاڭ چۈەنفۇ مۇنداق جاكارلىدى :   

 بىيادى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلمىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەڭ يۇقىرى توك قاچىلاش ھەسسىلىكى 10C غا يەتتى، ئەڭ چوڭ توك قاچىلاش قۇۋۋىتى 1MW (يەنى 1000kw) قا يەتتى. 

 بەش مىنۇت توك قاچىلاپ، 407 كىلومېتىر يۈرگىلى بولىدۇ، ماي قاچىلاش ۋە توك ئوخشاش سۈرئەتتە بولىدۇ.

6bd99db462ea8b125874a38f5acb8573.png

بىيادى خەن LEV ئاپتوموبىلىنىڭ ئەمەلىي سىنىقىدا، مېگاۋاتلىق چاقماق زەرەتلىگۈچى «بىر سېكۇنت زەرەتلەپ، ئىككى كىلومېتىر يۈرۈش» تەك پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى توك قاچىلاش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بەش مىنۇت توك قاچىلىسا 407 كىلومېتىر مۇساپىنى ماڭغىلى بولىدۇ. 

7022d823519256b9b3c0589be082ab58.png

ۋاڭ چۈەنفۇ مۇنداق بىلدۈردى: ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا بىر قېتىم ماي قاچىلاشقا بەش مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 500 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ھازىر بىيادى مېگاۋاتلىق چاقماق تېزلىكىدە توك قاچىلاشمۇ ئوخشاشلا بەش مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە توك قاچىلاپ، ئوخشاش مۇساپىنى ماڭالايدۇ، ماي بىلەن توك ئوخشاش سۈرئەتتە بولۇشتەك يېپيېڭى دەۋرنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. 

e0ff1ce9647616e90ac7144d7de5b4e1.jpg

مېگاۋاتلىق تېز زەرەتلىگۈچ ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىيادى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 4000 دىن ئارتۇق مېگاۋاتلىق زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىيادى مېگاۋاتلىق تېز زەرەتلىگۈچنى كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ ئورتاق بەھرلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 بۇنىڭدىن باشقا ھازىر ھەر قايسى ئورۇنلاردا بار بولغان ئاممىۋى زەرەتلىگۈچنى بىيادى شىركىتىنىڭ قوش چاتقۇچ چېتىپ زەرەتلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى چاتقۇچنى چېتىپ، بىۋاستە چاقماق تېزلىكىدە زەرەتلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

f7d0cc212b4f1c0b624c425d71493570.png

 بىيادى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېسىم ئاشۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پەقەت ھازىر بار بولغان توك كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىپ، يېڭى زاپچاسلارنى قوشمايلا، بېسىمنى ئاشۇرۇپ تېز زەرەتلەش ئېلىپ بېرىپ، ئاممىۋى تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 


 مەسىلەن، 250 كىلوۋاتلىق ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكىدە، قوش چاتقۇچ بىلەن توك قاچىلىغاندا 500 كىلوۋاتلىق زەرەتلەش قۇۋۋىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ قۇۋۋىتىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، ئاممىۋى تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكىنى سېكۇنتتىلا ئادەتتىن تاشقىرى زەرەتلەش تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرىدۇ.

f880a40aca2b2bf771665d698927b342.jpg

بۇ قېتىم ئېلان قىلغان خەن / تاڭ  L ئاپتوموبىلى دەرىجىدىن تاشقىرى e سۇپىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان ھەمدە EV نۇسخىسى ( ساپ توك ) ، DM نۇسخىسى ( توكقا چېتىلدىغان ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك) دەپ ئىككى خىل نۇسخىسى بار.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خەن / تاڭ  L EV نۇسخىسىغا يېڭى تىغ باتارىيەسى ئورنىتىلغان بولۇپ، يەككە ئېلېكتىر موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 500kW، قوش ئېلېكتىر موتورنىڭ قۇۋۋىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 230kW ۋە 580kW .

خەن  L EV نۇسخىسىنىڭ سۈرئىتى نۆلدىن يۈزگە چىقىشقا 2.7 سېكۇنت، تاڭ L EV نۇسخىسىنىڭ 3.6 سېكۇنت كېتىدۇ؛ 1000kW لىق يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ زەرەتلەش قۇۋۋىتىگە ئىگە.

خەن ، تاڭ L EV نۇسخىسى ھازىر ئالدىن زاكازنى باشلىدى.

8a3d3be5f30b4b75b5554dac930e6ff6.png

خەن L EV نىڭ باھاسى 270 مىڭدىن 350 مىڭ يۈەنگىچە، تاڭ L EV نىڭ باھاسى 280 مىڭدىن 360 مىڭ يۈەنگىچە.



تېخمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بۇ يەرگە كىرىپ كۈرۈڭ

6a1a7321f645b7657036f4ea279cc1fb.jpg

 بۇ ئەپچاقتا سىزگە لازىملىقلا نەرسىلەر بار

كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز

推荐资源

客服

扫码添加客服微信

热线

官方客服

如遇问题,请联系客服为您解决

电话客服:18160333243

客服微信:payziwat

工作时间:9:00-18:00,节假日休息

公众号

扫码关注微信公众号