腾讯元宝电脑版上线
تۈنۈگۈن تېڭشۈن يۈەن باۋ (腾讯元宝) سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ، windows ۋە ئالما MacOS نۇسخىلىرى بار.ئالدىنقى قېتىم سۈنئىي ئەقىل مودېلى ھەققىدىكى يازمىغا تورداشلار قانداق چۈشۈرىمىز دەپ ئىنكاسلارنى يازغان ئىدى. ئەمدى چۈشۈردىغان نۇسخىسى كەلدى.تېڭشۈن يۈەن باۋكومپيۇتېر نۇسخىسى بىرلا ۋاقىتتا خۇن يۈەن ۋە deepseek ( چوڭقۇر ئىزدىنىش ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مودېلنى قوللايدۇ، تېڭشۈن يۈەن باۋنى ئېچىپ سۆزلىشىش يۈزىگە كىرگەندە، deepseek-r1 تولۇق ئىقتىدارلىق مودېلىنى ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ.تېڭشۈن يۈەن باۋغا ئىشلىتىلگىنى deepseek-r1 671b تولۇق ئىقتىدارلىق نۇسخىسى بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى دۆلىتىمىزدىكى بىر قاتار مودېللار ئىچىدىكى ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ.
يۈەن باۋ تېڭشۈن بۇلۇتىنىڭ يېتەرلىك ھېسابلاش كۈچىگە تايىنىپ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۈنۈمىنى مەخسۇس ئەلالاشتۇرۇپ، مودېلنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تېڭشۈن يۈەنباۋ توردىن ئىزدەش، ئۈندىدار سالونى قاتارلىق تېڭشۈن ئېكولوگىيە مەزمۇنى ۋە ئالاقە تورىنىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇر مەنبەسىنى قاپلىغان بولۇپ، جاۋابىنىڭ توغرىلىقى تېخىمۇ يۇقىرى.بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك يانفون، كومپيۇتېر، تور بېتىدە تېڭشۈن يۈەن باۋنى ئىشلىتەلەيدۇ.تېڭشۈن يۈەن باۋنىڭ ئالما، ئاندرويد يانفون نۇسخىلىرىمۇ بار، يانفون ئەپ بازىرىدىن 腾讯元宝 دەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ؛ يانفون نۇسخىسىغىمۇ deepseek-r1 ئۇلانغان.تېڭشۈن يۈەن باۋنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ماۋۇ ئادرېسنى ئېچىڭ:https://yuanbao.tencent.com
يۇقارقى ئادرېسنى ئېچىپ تور بەت نۇسخىسىنى بىۋاستە ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ياكى كومپىيۇتېرغا قاچىلايتىم دېسىڭىز شۇ بەتنىڭ سول ئاستى تەرەپتىكى 在windows应用中打开 دېگەن خەتنى چەكسىڭىز كومپىيۇتېرغا قاچىلايدىغان نۇسخىسى چۈشىدۇ.
deepseek (چوڭقۇر ئىزدىنىش) قوشۇلغان يۈەن باۋنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشىمۇ ياخشى بولۇپ، ھەر خىل كود يازدۇرۇش؛ pdf، ۋورد ھۆججەتلىرىنى؛ رەسىملەرنى تەھلىل قىلدۇرۇش، تەرجىمە قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلەتسە ئېھتىياجدىن چىقالايدۇ.مەسىلەن:
كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز