首页 > 全部 > خەۋەرلەر > سۈنئىي ئەقىل: مەن تارتىۋالىدىغان كەسىپلەر
سۈنئىي ئەقىل: مەن تارتىۋالىدىغان كەسىپلەر

سۈنئىي ئەقىل: مەن تارتىۋالىدىغان كەسىپلەر

خەۋەرلەر ھەقسىز 66 كۇرلىش
价格: 免费 原价:¥0.00
收藏
  • 课程介绍
手机端访问


未来10年这些专业可能消失!


يېقىندا سۈنئىي ئەقىل مودېلى DeepSeek تىن سۈنئىي ئەقىل تارتىۋالىدىغان ئىنسانلارنىڭ كەسپى ھەققىدە سورىغاندا DeepSeek ئىزدەش نەتىجىلىرىدىكى كۆپلىگەن كەسىپ تەھلىل دوكلاتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرىنىڭ تەڭشەش يۆنىلىشى، AI تېخنىكىسىنىڭ تەسىرى، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى 10 خىل ئالىي مەكتەپ كەسپىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.



1. تەرجىمانلىق / كىچىك تىل كەسپى

AI تەرجىمە تېخنىكىسى كۈندىلىك ئىشلىتىشتە %95 توغرىلىق نىسبىتىگە يەتتى، سۈنئىي ئەقىل تەرجىمىسى خەنزۇچە-ئىنگلىزچە، ياپونچە، كورېيەچە قاتارلىق كۆپ تىللارنى قاپلاپ، ئاساسىي تەرجىمە خىزمەت ئورۇنلىرىغا بولغان ئېھتىياج كەسكىن ئازايدى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى كىچىك تىل كەسىپلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى (پەقەت %14) ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەرجىمان تالانتلىرىغا قويۇلغان تەلەپنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن، ئاستا-ئاستا يوقىلىشى مۇمكىن، پەقەت ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرلا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات يۆنىلىشىنى ساقلاپ قالىدۇ.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

تەرجىمە كەسپى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە، كەسپىي ساھە تەرجىمىسى (مەسىلەن قانۇن، تېببىي) ۋە AI قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.


2. كۇتۇپخانا ئىلمى ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش

رەقەملەشتۈرۈش ۋە AI تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ئەنئەنىۋى كۇتۇپخانا باشقۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتتى. ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئۇچۇر ئىزدەش ۋە مەنبە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. كىتاب ئىزدەش، تۈرگە ئايرىش، ئارىيەت بېرىش باشقۇرۇشى قاتارلىق جەريانلار ئەقىلىي ئىقتىدارلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ بولدى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

بۇ كەسىپ ئۇچۇر ئىلمى ياكى ئارخىپ باشقۇرۇش كەسپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى، ياكى سانلىق مەلۇمات ئىلمى ياكى رەقەملىك مۈلۈك باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.


3. ئەنئەنىۋى ئاخباراتشۇناسلىق

AI يېزىقچىلىق قوراللىرى ۋە ئاپتوماتلاشقان خەۋەر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەنئەنىۋى خەۋەر تەھرىرى ۋە مۇخبىرلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتتى. چوڭقۇر دوكلات يەنىلا ئىنسان مۇخبىرلارغا موھتاج بولسىمۇ، ئاساسىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا بولغان ئېھتىياج كەسكىن ئازايدى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

ئاخباراتشۇناسلىق كەسپى سانلىق مەلۇمات تەھلىلى، كۆپ ۋاسىتىلىك مەزمۇن يارىتىش ۋە AI قوراللىرىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن. كەسپىي ئىقتىدار جەھەتتە، چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەزمۇن ئىجادىيىتى يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.


4. بوغالتىرلىق (ئاساسىي يۆنىلىش) كەسپى

AI ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى (مەسىلەن ئەقىللىق مالىيە سىستېمىسى) ھېساب خاتىرلەش، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي بوغالتىرلىق خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. %90 ئاساسىي مالىيە خىزمەتلىرى (ھېساب خاتىرلەش، كاسسىرلىق) ئەقىللىق يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئاپتوماتلاشتۇرۇلدۇ.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

مالىيە ئانالىزى، ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت ۋە AI ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يۆنىلىشلەرگە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، ئەنئەنىۋى بوغالتىرلىق دەرس سىستېمىسى قايتا قۇرۇلۇشقا دۇچ كەلدى.


5. كومپيۇتېر پىروگرامما تۈزۈش (ئاساسىي يۈنىلىش) كەسپى

تۆۋەن كود/كودسىز سۇپا ۋە AI پروگرامما تۈزۈش قوراللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەنئەنىۋى پروگراممېرلىقنىڭ بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتتى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

پروگرامما تۈزۈش مائارىپى ئالگورىزىم لايىھىلەش، AI تەرەققىياتى ۋە سىستېما قۇرۇلمىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ماھارەتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.


6. ئەنئەنىۋى بازار تىجارىتى (ماركېتىڭ) ۋە ئېلان لايىھىلەش كەسپى

AI ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىل قوراللىرى بازار يۆنىلىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. AI سانلىق مەلۇمات تەھلىل قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى بازار ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالگورىزىم ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش ئېلىشى مۇمكىن.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

بازار تىجارىتى سانلىق مەلۇمات يېتەكچىلىكىدىكى ئىستراتېگىيە، AI قوراللىرىنى قوللىنىش ۋە ئىشلەتكۈچى تەجرىبىسى لايىھىلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.


7. ئاساسىي سۈرەت ۋە فىلىم تارتىش كەسپى

AI سۈرەت ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى (MidJourney، DALL·E قاتارلىقلار) ۋە ئاپتوماتلاشقان تەھرىرلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئەنئەنىۋى سۈرەت تارتىشنىڭ تېخنىكىلىق بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتتى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

سۈرەت تارتىش كەسپىدە كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق بايان قىلىش، ئىجادىي لايىھىلەش ۋە AI قوراللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.


8. ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقۇرۇش

خىزمەتكە ئورۇنلىشىش يۇقىرى دەرىجىدە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تايىنىدۇ، خىزمەت ئورنى چەكلىك، رىقابەت كەسكىن، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەن. ئالىي مەكتەپلەر بۇ كەسىپنى ئاستا-ئاستا ئاسپىرانتلىق دەرسى قىلىپ ئۆزگەرتتى ياكى مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىگە قوشۇۋەتتى، تولۇق كۇرس دەرىجىسىدە ئايرىم تەسىس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى گۇمانغا ئۇچرىماقتا.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ كەسىپ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقىللىقلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەر ئارا ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، سانلىق مەلۇمات تەھلىلى، سىياسەت تەھلىل قوراللىرى ۋە ساھەلەر ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى رىقابەت كۈچىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالىدۇ.


9. ئەنئەنىۋى چەتئەل تىل مائارىپى

AI تىل ئۆگىنىش قوراللىرى (多邻国، ChatGPT قاتارلىقلار) ۋە شۇئان تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى، چەت تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتتى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

چەتئەل تىل مائارىپى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە، كەسپىي ساھەدىكى تىل قوللىنىش ۋە AI ياردەمچى ئوقۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.

10. ئاساسىي ئادەم كۈچى مەنبەسى باشقۇرۇش

AI خادىم قوبۇل قىلىش سىستېمىسى، ئاپتوماتلاشقان خىزمەت ئۈنۈمى باھالاش قوراللىرى ۋە خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئېھتىياجنى ئازايتتى.

كەلگۈسى يۆنىلىشى:

ئادەم كۈچى مەنبەسى باشقۇرۇشى تەشكىلىي ھەرىكىتى ئىلمى، خىزمەتچىلەر تەجرىبىسى لايىھىلەش ۋە AI قوراللىرىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن.


تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى:

بۇ كەسىپلەرنىڭ "يوقىلىشى" مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ماھارەت ۋە بىلىم سىستېمىسى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى كەسىپلەر ئارا ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىدۇ. كەلگۈسىدىكى مائارىپ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان تېخنىكا ۋە بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئىجادىيەت، تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە كەسىپلەر ئارا ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.


DeepSeek نىڭ كەسىپ تاللاش تەۋسىيەلىرى:

تاللىماسلىق كېرەك بولغانلار:

1. تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كەسىپلەر: قۇرۇلمىلىق، تەكرارلىنىدىغان خىزمەتلەر ئاسانلا AI تەرىپىدىن شاللىندۇ (مەسىلەن تەرجىمانلىق، بوغالتىرلىق)

2. كەسىپ ئورنى مۈجمەل كەسىپلەر: گرەلەشمە پەنلەردە يادرولۇق ماھارەتكە ئىگە بولمىغان كەسىپلەر  بازاردا چەتكە قېقىلىشى مۇمكىن

3. بازار ئېھتىياجى تۆۋەنلەۋاتقان كەسىپلەر: كەسىپ تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلىرى ئازىيىدۇ.


تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدىغانلار:

1. قوشما كەسىپلەرنى تاللاش: مەسىلەن "AI + تېببىي"، "سانلىق مەلۇمات ئىلمى + مالىيە" دېگەندەك.

2. يېڭى ساھەلەرگە دىققەت قىلىش: سۈنئىي ئەقىل ئېتىكىسى، ياشانغانلار تۇرمۇشى پىلانلاش، كاربون تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىق يۆنىلىشلەرنىڭ كەلگۈسى زور.

3. باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ماھارەتلەرنى كۈچەيتىش: ئىجادىي لايىھىلەش، ھېسسىي ئالاقە، مۇرەككەپ قارار چىقىرىش قاتارلىق ئىنساننىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقلىرى.


مەنبە: DeepSeek سوئال-جاۋابلىرى ئاساسىدا رەتلەندى.


كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز

推荐资源

客服

扫码添加客服微信

热线

官方客服

如遇问题,请联系客服为您解决

电话客服:18160333243

客服微信:payziwat

工作时间:9:00-18:00,节假日休息

公众号

扫码关注微信公众号