首页 > 全部 > خەۋەرلەر > تىلفۇنڭىز ئاسلاپ كەتتىممۇ ئەمسە بۇنى سىناپ بېقىڭ

تىلفۇنڭىز ئاسلاپ كەتتىممۇ ئەمسە بۇنى سىناپ بېقىڭ

4b331ad0bfe9a78d3d3cbef132d727e1.jpg
خەۋەرلەر ھەقسىز 24 كۇرلىش
价格: 免费 原价:¥0.00
收藏
  • 资源介绍
手机端访问

微信官宣瘦身


يانفوننىڭ سىغىمىنى توشقۇزۇپ قويىدىغان ئاساسلىق سەۋەپچى ئۈندىدار. ئۈندىدارنى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىگىلەيدىغان سىغىمىمۇ چوڭيىدۇ. بەزىدە يانفون سىغىمىنىڭ يېرىمىنى ئۈندىدار ئىگىلىۋالىدۇ.يېقىندا ئۈندىدارنىڭ iOS ۋە Android نۇسخىلىرىدا «ئۈندىدارنى ئورۇقلىتىش» ئىقتىدارى قوشۇلدى.«غەملەك تازىلاش» (清理缓存) تاللانمىسىدا "قوبۇل قىلىنغان ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىن" ۋە "ئەۋەتىلگەن ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىن" (“已接收的原图、原视频 ،已发出的原图、原视频) لارنى تازىلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ ئىقتىدار ساقلاش بوشلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ئۈندىدارنى ئورۇقلىتىدۇ. 

99aa244cd5724621b4295007326cb42f.jpg

ئۈندىدارنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەسلى سۈرەت ۋە ئەسلى سىنلارنى ئۈنۈملۈك ۋە ئەپلىك تازىلاپ، توپ تازىلاش ھالىتىدە، "قوبۇل قىلىنغان ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىن" ۋە "ئەۋەتىلگەن ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىن" لارنى بىرلا ۋاقىتتا تازىلاشنى قوللايدۇ، بىر-بىرلەپ ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقىت تېجەيدۇ. ئېھتىياجغا قاراپ نازۇك تازىلاش ھالىتىدە، ئىشلەتكۈچىلەر ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى، پاراڭلىشىش ئوبيېكتى بويىچە تەرتىپلەپ چوڭ ھۆججەت ياكى مەلۇم پاراڭلىشىش مەزمۇنىنى تېز تېپىپ چىقالايدۇ.تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تازىلاش جەريانىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدارنى نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، تازىلاش جەريانىنىڭ تاماملىنىشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. تازىلاشتىن كېيىن، پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، "سۈرەت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى" دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ خىل تازىلاشتا پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىكى رەسىم، سىنلارنى تولۇق ئۆچۈرۋەتمەيدۇ، پەقەت رەسىملەرنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپ ساقلاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خاتا تازىلىۋەتكەن سۈرەت، سىنلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.14 كۈن ئىچىدىكى ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىنلار تازىلانغان بولسىمۇ، پاراڭلىشىشتا "ئەسلى سۈرەت/ئەسلى سىننى كۆرۈش" كۇنۇپكىسى بار بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈنۈملۈك مەزگىل ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا چېكىپ چۈشۈرەلەيدۇ.

كونكرېت مەشغۇلاتى مۇنداق:"مەن-تەڭشەكلەر-ئومۇمىي-ساقلاش بوشلۇقى" (我-设置-通用-存储空间) كۆزنىكى ئارقىلىق كىرىپ تازىلىسا بولىدۇ.شۇنداقلا ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىدا بىۋاسىتە «存储空间» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ، بىر چېكىشتىلا ساقلاش بوشلۇقىنى باشقۇرۇش بېتىگە كىرەلەيدۇ.

6e4a8491f54ed4f337c7a4c6d68eeeda.jpg

14 ياشقا كىرگەن ئەپ بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۈندىدارغا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت جەھەتتىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلىرى يۈكلەنگەن. ئىشلىتىش ۋاقتى كۈنسېرى ئارتقانسېرى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساقلاش بېسىمى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، پاراڭلىشىش خاتىرىلىرى ئۈندىدارنىڭ %80 دىن ئارتۇق ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يانفوننىڭ كامېرا پىكسېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ساقلاش يۈكىگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىنلار بارغانسېرى ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ قىسىمغا ئايلانماقتا.مەسىلەن، مەلۇم بىر ئېغىر دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈندىدارى ئىگىلىگەن سىغىم 182GB غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەسلى سۈرەت، ئەسلى سىنلار 62GB نى ئىگىلەپ، نىسبىتى %34 كە يەتكەن.

1796a76d9120a505a2cf912e927685d3.jpg

بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە، چوڭ ھەجىملىك ئۆز-ئارا ئەۋەتىلگەن ئەسلى سۈرەت/ئەسلى سىنلارنى تازىلىغاندىن كېيىن، تېلېفوننىڭ ساقلاش بوشلۇقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق «ئورۇقلىغان»

  


كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز

推荐资源

客服

扫码添加客服微信

热线

官方客服

如遇问题,请联系客服为您解决

电话客服:18160333243

客服微信:payziwat

工作时间:9:00-18:00,节假日休息

公众号

扫码关注微信公众号